سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى ئايلىق رېتسېپ يېزىپ بېرىشكە بولىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل، تېببىي دورا سېتىۋېلىش - سېتىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا بىر قاتار تۈزەش تەدبىرلىرىنى ھەم يانداش ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل 6- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش - ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى يېنىكلەتتى.
ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە دورا يېزىپ بېرىش مۇددىتى قىسقا بولۇش، تېببىي تەكشۈرۈش - ئانالىز نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتا چوڭ رېتسېپ يېزىش، قالايمىقان تەكشۈرۈش قاتارلىق جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تېببىي ئانالىز نەتىجىسى ۋە تېببىي سۈرەت ئۇلترا ئاۋاز كېسەل تەكشۈرۈش ماتېرىيالى (ماتېرىيال)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ يېزىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رېتسېپ باھالاش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)» «داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» قاتارلىق يەتتە ھۆججەتنى تۈزۈپ چىقتى.
ئاممىنىڭ داۋالىنىشىدا تەكشۈرۈش تەكرار بولۇش، يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، «داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تېببىي ئانالىز نەتىجىسى ۋە تېببىي سۈرەت ئۇلترا ئاۋاز كېسەل تەكشۈرۈش ماتېرىيالى (ماتېرىيال)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېببىي ئانالىز بويىچە تۆت چوڭ تۈردىكى 62 تۈرلۈك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرى، تېببىي سۈرەت بويىچە ئىككى چوڭ تۈردىكى توققۇز تۈر، تېببىي B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش بويىچە ئىككى تۈردىكى سەككىز خىل ئەزا ھەمدە كېسەل ماتېرىيالىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرىگە تەۋە تەكشۈرۈشلەرنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ يېزىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىياگنوزى ئېنىق، كېسەل ئەھۋالى مۇقىم، ئۇزاق مۇددەت دورا يېيىشكە توغرا كېلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەندە، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، بىخەتەر، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئامبۇلاتورىيە رېتسېپ مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى ئايلىق رېتسېپ يېزىپ بېرىشكە بولىدۇ.
«ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رېتسېپ باھالاش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر ئايدا يەككە تۈردىكى دورا ئىشلىتىش مىقدارى، سوممىسىغا قارىتا كىلىنىكىلىق بۆلۈم، دوختۇر قاتارلىقلار بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ كۆزىتىش يولغا قويۇلۇپ، مىقدارى نورمالسىز ئاشقان ياكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دورا تۈرى ۋە دوختۇرلارنىڭ رېتسېپى نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدۇ، كونترول قىلىنىدۇ ۋە باھالىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش ۋە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزەپ، باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كۆپ تارماقلار بىرلىشىپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا قوللىنىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى ياخشى ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى پائال خۇلاسىلەپ، نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.