مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەيسا مەمەتنىڭ ئارزۇ تىزىملىكى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

2019.07.31 21:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«مېۋە - چېۋىلەرنى ئەرزان ساتتىم، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار...» 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، قۇياش تېخى كۆتۈرۈلمىگەندە، توۋلىغان ئاۋاز ئاپتوموبىللارنىڭ دى - دىتلىغان ئاۋازىغا ئارىلىشىپ كەتتى، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئادەملەرنىڭ ئاۋازى بىلەن قايناپ كەتكەنىدى.

ئادەملەر ئېقىمى ئارىسىدا، بۇ ناھىيەنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەيسا مەمەت ئون نەچچە يەشىك مېۋە - چېۋە بېسىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ، ئالدىراپ قايتقانىدى. «ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئەيسا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ بولىدۇ، كىرگۈزگەن مېلى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، سودىسى بەك ياخشى.» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى توپ سېتىش سودىگىرى خەن چاڭجېڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئەيسا بىلەن تونۇشقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.

■ كىچىك ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش

مۇخبىر ئەيساغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ھويلىغا كىرىپلا ئىللىق بىر كۆرۈنۈشنى كۆردى. ئەيسانىڭ خوتۇنى ئاسىمگۈل سەمەت توكسىكلىتتىكى يەشىككە قاچىلانغان مېۋە - چېۋىلەرنى چۈشۈرمەكچى بولغاندا، ئەيسا ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ، يەشىكنى ئېلىۋېلىپ غۇدۇرىدى، قارىماققا ئۇ خوتۇنىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرگەنلىكىدىن ئاغرىنغاندەك قىلاتتى.

يۈزلىرىدە بەخت جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئاسىمگۈل بىر چەتتە تۇراتتى. «تەربىيەلەشنى پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن بېرى، ئۇ كۆيۈمچان بولۇپ كەتتى.» ئاسىمگۈل سەل تارتىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇ بۇنداق ئەمەس ئىدى، قايتىپ كەلسىلا كاڭدا ئولتۇرۇۋېلىپ ھېچنېمە قىلمايتتى. بالا بىلەنمۇ كارى يوق ئىدى، مېنىڭ مودا كىيىملەرنى كىيىشىمگە رۇخسەت قىلمايتتى، گىرىم قىلغۇزمايتتى، پۇل خەجلەشتىمۇ ئۇنىڭ رايىغا باقاتتىم...» ئەيسادىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئاسىمگۈلنىڭ ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان گەپلىرى باردەك قىلاتتى.

ئەيسا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ شاپتۇللارنى ئىلغاۋاتاتتى، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. «مەن ئىلگىرى دائىم ئاياللار چوقۇم ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشى، بىلەك، پاچاقلىرىنى ئېچىپ يۈرمەسلىكى، گىرىممۇ قىلماسلىقى كېرەك دەپ ئويلايتتىم.» ئەيسانىڭ دېيىشىچە، بىر قېتىم بەش ياشلىق ئوغلى خەنزۇ كەنت ئاھالىسى ئاچقان دۇكاندىن ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا، ئۇ بالىسىنى قاتتىق ئۇرغان. شۇ چاغدا، ئۇ ئۆز مىللىتىدىن بولمىغان كىشى ساتقان نەرسە «مۇسۇلمانچە» ئەمەس دەپ قارىغاچقا، خوتۇنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ قالغان بولۇپ، ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكىلى تاس قالغان. بۇلتۇر مارالبېشى ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاندىن ھېس قىلغان.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئەيسا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگەندى، ئۇ ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشى، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغاندا، ئاندىن بالىغا ياخشى ئۈلگە تىكلىيەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى؛ پەقەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، تۇرمۇشىنىڭ ئاندىن بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

ئەيسانىڭ تەربىيەلەشنى پۈتكۈزۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قىلغان بىرىنچى ئىشى خوتۇنىنى ئېلىپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بىرنەچچە قۇر مودا كىيىم، يەنە ھالقا، زەنجىر ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش بولدى. «ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېسىل كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.» ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ خوتۇنى بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىدىكەن، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى خوتۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن.

ئاسىمگۈلنى ئەڭ رازى قىلغىنى شۇكى، ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن كېيىنكى پىلانلارنى مۇزاكىرىلەشتى: كىچىك ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مېۋە - چېۋە توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىش. ئەيسانىڭ ئارزۇ تىزىملىكى ئاسىمگۈلنىڭ كۆڭلىنى بەك خاتىرجەم قىلدى.

■ سودىدا سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش

يازدا سەھەرنىڭ سالقىنلىقى ھەمىشە ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، ئەيسا خوتۇنى بىلەن بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن مېۋىلەرنى تېزلىكتە ئىلغىدى، «سەل زېدە بولغانلىرى»نىڭ ھەممىسىنى ئىلغاپ چىقتى. «بۇ زېدە بولغانلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟» «ئەرزانراق سېتىۋېتىمىز.» «بىللە قوشۇپ ساتساق پايدا جىقراق بولارمۇ؟» «بۇنداق قىلساق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مېلىمىزنى ئالىدىغانلار چىقمايدۇ».

ھازىر ئەيسا مېۋە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى چۈشەندى، سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئىلگىرى ئەيسا مېۋە - چېۋە ساتقاندا ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ھەممە يەرگە قاترايتتى، مۇقىم ئورنى يوق ئىدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشنىڭ شەھەر قىياپىتى - مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەيسا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ يىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى ئېيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەيسا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ زەرەپشان خەلقئارا چوڭ بازىرىدا بىر دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ، دۇكانغا «ئەيساجان مېۋە - چېۋە دۇكىنى» دەپ ئىسىم قويدى.

مۇقىم دۇكىنى بولغان ئەيسانىڭ سودىسى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولدى، ھازىر كۈنلۈك ساپ كىرىمى 300 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. «مەن يەنە مېۋە - چېۋىنى توپ سېتىشنى ئويلاۋاتىمەن.» ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ، بىر يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ئۆزى توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئۇ مۇخبىرنى باشلاپ ھويلىسىدىكى ئەمدىلا سېلىپ پۈتكۈزگەن 35 كىۋادرات مېتىرلىق توڭلىتىش ئىسكىلاتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. «توڭلىتىش ئىسكىلاتىنى ليۇ شۇجى ماڭا ياردەملىشىپ لايىھەلەپ بەرگەن، ئۇ يەنە ماڭا ياردەملىشىپ ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئالاقىلىشىپ بەردى» دېدى ئەيسا.

غولمەھەللە كەنتىدىن يولغا چىقىپ، ئازادە سېمونت يولنى بويلاپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ تەخمىنەن ئون مىنۇت مېڭىپ ئەيسانىڭ مېۋە - چېۋە دۇكىنىغا بارغىلى بولاتتى. مېۋە - چېۋە دۇكىنىنىڭ بېزىلىش ئۇسلۇبى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، تامغا ئۈندىدار ئىككىلىك كودى چاپلانغان، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغانىدى.

ئەيسا مالنى چىقىرىپ بولۇشىغا خېرىدارلار كەلدى، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئۇ پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلەيتتى، كونا خېرىدارلىرى كەلسە ئەسلىي باھا ئاساسىدا يەنە سەل ئەرزان سېتىپ بەردى، يېڭى خېرىدارلارغا ئۇ ئالدى بىلەن تېتىپ بېقىپ ئاندىن سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلدى، نۇرغۇن خېرىدار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆپرەك سېتىۋالدى. تاللاش، جىڭلاش، سىكاننېرلاش بىلەن ئەيسا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

■ تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق كىشىگە ياردەم بېرىش

گۇگۇم چۈشكەن ۋاقىتتا، غولمەھەللە كەنتى قىزىپ كەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدىن چىقىپ نەچچە قەدەم ماڭسىلا بىنخې تەنتەربىيە مەدەنىيەت باغچىسىغا بارىدۇ. «كەنتنىڭ كەچلىك بازىرىدا پات ئارىدا تىجارەت باشلىنىدۇ، يېقىنقى نەچچە كۈندە سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلدۇق، ئادەملەر بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى ليۇ يى.

ئەيسا دۇكىنىدىكى ئالدىراشچىلىقنى تۈگىتىپ، سېتىپ بولالمىغان مېۋە - چېۋىلىرىنى ئىتتىرىپ كەچلىك بازارغا كەلدى. «ئىلگىرى سېتىپ بولالمىغان مېۋە - چېۋىلەرنى قوشنا كەنتنىڭ كەچلىك بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ ساتاتتىم، ھازىر ئىشىكىم ئالدىدىلا ساتىدىغان بولدۇم، تولىمۇ قولايلىق بولدى» دېدى ئەيسا.

غولمەھەللە كەنتى كەچلىك بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 7000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، كەچلىك بازار ئەيسانىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغۇزدى.

ليۇ يى مۇنداق دېدى: ئەيسا ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئازراق ئىش قىلىپ بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ مېۋە - چېۋە سېتىش تەجرىبىسى بار، كەچلىك بازاردا تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن بىر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ، ئەيسا كۆرگەزمە رايونىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ.

غولمەھەللە كەنتىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەممە ئائىلە ھويلا - ئارانلىرىغا شوخلا، لازا قاتارلىقلارنى تېرىدى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش تەجرىبىسى كەمچىل، ئەيسانىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ليۇ يى.

«تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىش مېنىڭ ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى بىر ئارزۇيۇم.» ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىشنى رەت قىلغان، ھەتتا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى رەت قىلغان، تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.

«ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش شۇكى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكى ئەسلىدىكى سېسىق سۇ ئازگىلى باغچىغا ئۆزگەردى، ئىشىكىمىز ئالدىدا كەچلىك بازار بار بولدى...» ئەيسا بارماقلىرى بىلەن بىرمۇبىر سانىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى.

رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلغاندا، كەچلىك بازارغا كەلگەن كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەيسانىڭ مېۋە - چېۋىلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا سېتىلىپ تۈگىدى، بىراق ئۇ يەنىلا يان تەرىپىدىكى يايمىنىڭ ئالدىدا ئالدىراش ئىدى... «بۇنچە كۆپ ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇم، مەن بۇ ئىللىقلىقنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىشىم كېرەك» دېدى ئەيسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ