مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2019.07.31 21:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرى خۇاڭ ۋېنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 76 نەپەر كادىر بىلەن كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، باشتىن - ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى باشتىن - ئاخىر ھاياتلىق يولىنى تېپىشتىكى تايانچ قىلىپ، مەڭگۈ خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، ئادىل، باراۋەر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا تۈزۈم قېلىپى ئىچىدە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك؛ كىچىك ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىخ ھالىتىدە توسۇپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇشى، يالغۇزلۇقتا ئېھتىياتچان بولۇشى، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئوي - پىكرى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا قارىتىشى كېرەك؛ قىيىنچىلىققا قارىماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۆت نەپەر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا پاكلىققا دائىر كىتابلارنى سوۋغا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ