مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇسۇسىي كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى ئاشتى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سۇبيېكتىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى%95كە يەتتى

2019.07.31 21:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ، شى شىن، پىراكتىكانتلار جيا فاڭ، فېڭ شياۋيانىڭ 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەمەلىي بار بولغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 750 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى ئىگىلىك بازار سۇبيېكتى(خۇسۇسىي كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %95كە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ئىچىدە كارخانا 353 مىڭغا يەتتى. كارخانا ئومۇمىي سانى ئىچىدە خۇسۇسىي كارخانا 309 مىڭغا يەتتى، ئىگىلىگەن نىسبىتى %87.5 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشتى؛ يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليون 353 مىڭغا يېتىپ، بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %77.3كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.1 ئاشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4639 خۇسۇسىي كارخانا، 28 مىڭ 500 يەككە سودا - سانائەتچى يېڭىدىن تەسىس قىلىندى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەكشى، مۇقىم، بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشى ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كىنىشكا - گۇۋاھنامىنى ئازايتىش، ئىجازەتنى قىسقارتىش، كىرىش ئىجازىتىنى قويۇپ بېرىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈچۈن تېخىمۇ ئوچۇق، ئاشكارا، قولاي ئىجازەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى. نۆۋەتتە، ئادەتتىكى كارخانىنى قۇرۇش ۋاقتى ئاساسەن 5.5 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلدى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق تىزىملاش، توردا تىزىملاش قاتارلىق «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ھۆكۈمەت - بانكا ھەمكارلىقى» «ھۆكۈمەت - پوچتا ھەمكارلىقى»غا تۈرتكە بولۇپ، نامنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ ئىجازەت بېرىش ئىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نامنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش، نامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى بىرلىكتە بېجىرىش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا قارىتىلغان قولايلىقنى كۆپەيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ