مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 15 كەنت بۇ تىزىملىككە كىردى

2019.07.31 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئورگان تورىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 28-ئىيۇل مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە 320 نۇقتىلىق كەنتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسى كۆكدالا شەھىرى 78-تۈەن 5-ليەنى قاتارلىق 15 كەنت بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئىسىملىكىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە تاللاپ بېكىتىدىكەن. مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كەنتلەر ساياھەت پىلانى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاشقا ئېرىشىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-بىڭتۈەنىدىن تاللانغان مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى 15 نۇقتىلىق كەنتنىڭ ئىسىملىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى

  بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قۇم كەنتى

  تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى

  تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتى

  دۆربىلجىن ناھىيەسى جاربۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى قۇلماق كەنتى

  كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى

  قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چوسۇن كەنتى

  قۇمۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى شىرىنزا كەنتى

  ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى چاچى كەنتى

  بىڭتۈەن 4-دېۋىزىيە كۆكدالا شەھىرى 62-تۈەن جىنبيەن بازىرى

  بىڭتۇەن 10-دېۋىزىيە بەيتۈن شەھىرى 185-تۈەن 3-ليەنى

  بىڭتۈەن 2-دېۋىزىيە باشئەگىم شەھىرى 31-تۈەن 2-ليەنى

  بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيە ئارال شەھرى 11-تۈەن 13-ليەنى

  بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيە شىخەنزە شەھىرى 152-تۈەن 10-ليەنى

  بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيە كۆكدالا شەھىرى 78-تۈەن 5-ليەنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ