مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلاندى

2019.07.29 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلاندى، 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىنىڭ ئارخىپى چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00گىچە، 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش بويىچە 4-قېتىملىق ئارزۇ توپلاش (تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىنىڭ پىلان توشماي قالغان سانىغا ئارزۇ توپلاش) خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە ئارخىپ تارقىتىلىدىكەن؛ 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00گىچە، 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش بويىچە 5-قېتىملىق ئارزۇ توپلاش (تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىنىڭ پىلان توشماي قالغان سانىغا 2-قېتىملىق ئارزۇ توپلاش) خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئارخىپ تارقىتىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇنى ئۆزگەرتسە ياكى قايتا تولدۇرسا بولىدىكەن، قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالدىن تەييارلىق قىلسا بولىدىكەن.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»دىكى «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش» بېتىگە كىرىپ، «ئىمتىھان بېرىش نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى» بويىچە ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسا، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (新疆招生网)، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» (新疆招生) ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەگەر گۇمانى بولسا، يېقىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەسلىھەت سوراش ئورنىغا بارسا بولىدۇ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس لىنىيە تېلېفونى (8750000-0991)غا تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇقسا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ پاش قىلىش، نازارەت قىلىش تېلېفونى (8758128-0991)غا تېلېفون قىلسا ياكى 110غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ