مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.07.26 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ تۈزەش، كارخانىلارنىڭ نامۇۋاپىق يۈكىنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىش بېكىتىلدى؛ رايون پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىش- تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، توغرىلاپ كۆتۈرۈۋېتىش ئۈنۈمى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، قانۇنچىل سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىدىن ھەق ئېلىشتا ئاشكارا بولۇش، نازارەتنى قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ سىرتىدا بولماسلىقى كېرەك. ئۈچىنچى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، ماكرولۇق سىياسەت تەلىپى بويىچە، كۆپ خىل قوراللاردىن بىر تۇتاش پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رايون پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ماكرولۇق سىياسەت ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايون پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» نى قوللاش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات لايىھەسىدىن بىرى پىشىپ يېتىلسە بىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەرىكەت ھالىتىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىز قوغلاپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغانلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش ياكى توختىتىش، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلىرىنى يېڭىدىن ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە كۆپەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ