خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ سوئالى، ئەمەلىيەت ئېھتىياجىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 70 يىللىق قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى نەزەرىيە جەھەتتىن ياخشى شەرھلەپ، ياخشى جاۋاب بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى نەزەرىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مۇھاكىمە يىغىنىدا «مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇش» باش تېما قىلىندى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش سىستېمىسى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملار يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ