مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى

90%تىن كۆپرەك مەبلەغ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ناھىيەلەرگە سېلىندى

2019.07.16 13:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار سۈن جې، لى جىخاۋ) مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئەڭ يېڭى خەۋەر تېپىشىچە: 2019-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ 2 مىليارد 131 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىگە تەقسىملەپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %92ى نامرات ناھىيەلەرگە تەقسىملەنگەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 32 نامرات ناھىيەگە تەقسىملەپ بېرىلگەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 1 مىليارد 962 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %92ىنى ئىگىلىگەن. تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت تۈرلۈك «نۇقتىلىق ئوبيېكت»لارنىڭ ساقلانما مىقداردىكى خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئېغىر نامرات رايونلاردىكى باشقا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  مەبلەغنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىن تولۇقلىما ياردەم ئوبيېكتىنى جەزمەن ئېلان قىلىشنى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئاشكارا بولۇش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاھالىلەرگىچە تارقىتىش ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق سومما بىلەن «تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكت»لارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا دەرىجىمۇدەرىجە يىللىق ئۈنۈم باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ