- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېلىق تۇتۇش بايرىمى» ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
2017.05.05 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دولان مەنزىرە رايونىدا تۆت كۈنلۈك «دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى 3-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، پائالىيەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.
قىزىقارلىق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ «1-ماي» مەزگىلىدە تەسىس قىلغان ئاساسلىق پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئادەتلىرى، جۈملىدىن دولان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر