باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2017- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

ئەزا بۈۋىھەجەر ئابلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپى بەردى

2017.03.14 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-مارت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بۈۋىھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئالاتاۋ شەھىرىنى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان، ئېچىۋىتىلگەن تەجرىبە رايونىغا كىرگۈزۈشىنى ھەمدە قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. شۇنداق بولغاندا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا قەشقەر، غەربىدە قورغاس، شىمالىدا ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونى بارلىققا كېلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى پەللىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئالاتاۋ ئېغىزى بولسا دۆلەت نۇقتىلىق قۇرۇپ چىققان ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان چېگرا ئېغىزى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋىتىشىدىكى مۇھىم قورغان، دۆلەتنىڭ چېگرا بويى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى، ئېلىمىز ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل ۋە تۈگۈن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر