باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ

2017.02.22 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئاياغلاشتى، يىغىندا يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تېزدىن بۇرۇلۇش ياساپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2016-يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى يادرو قىلىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتىدە نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەمىنلەش جەھەتتىن قول سېلىنىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يېڭى چېگراسى تىرىشىپ ئېچىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پىڭشىڭ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سەرخىللاشتۇرۇش، ئىزىغا سېلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاشلىق، كېۋەز قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسى ۋە يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  ۋاڭ پىڭشىڭ مۇنداق دېدى: تەكىتلەيدىغان يەنە بىر نۇقتىمىز-ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش، دېھقانلار كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋەزىيىتىنىڭ ئارقىغا يېنىپ كەتمەسلىكىگە، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىدا مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسى» خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر