باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى بىر مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر ئازايدى

تېجەلگەن سۇ مىقدارى ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئىشلىتىلدى

2017.02.22 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى جەمئىيەتتە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى بىر مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر ئازىيىپ ، تېجەلگەن سۇ مىقدارى ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئىشلىتىلدى.

  شىنجاڭ سۇ بايلىقى كەمچىل بولغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئاجىز، سۇ بايلىقىنىڭ ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تەكشى ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئىقتىسادى جەمئىيەتتە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %94.7نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  2016- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن ئىككى مىليون 660 مىڭ مو كۆپەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى جەمئىي 33 مىليون 380 مىڭ موغا يەتتى، يېڭىدىن ياسالغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ 2715 كىلومېتىرغا يەتتى. 2017- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»قا ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىر بار بولغان سۇغىرىش رايونىدىكى سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى، سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمىنى ئىككى مىليون 400 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر