باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاجىگۈل بىلەن گۈەن شياۋۋىي قوشماق تۇغقانلاردىن بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى

2016.11.21 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى داۋان شىمالىي يولى ئاھالىلەر كومىتېتىدا تىجارەتچى تاجىگۈل نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىگە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈەن شياۋۋىي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. تاجىگۈل ئەھەتھاجى بۇلتۇر 11-ئايدا ئۆزى تۇرۇشلۇق تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولىنىڭ داۋان شىمالىي يولىدا مىليون زېمىن ئۆي-زېمىن شىركىتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، شىركەت دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. شىركەت يېڭى قۇرۇلغاندا رەسمىيەت بېجىرىش، ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، بۇنى ئاڭلىغان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈەن شياۋۋىي ئۇنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلاپ، بالدۇرراق ئىش باشلىشى ئۈچۈن يول كۆرسەتتى ھەم نۇرغۇن ئىشلاردا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يول باشلىشىدا تاجىگۈل ئەھەتھاجى تېزلا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ ئىش باشلىۋالدى. گۈەن شياۋۋىي ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن ھال- ئەھۋال سوراپ، خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ تۇردى، بىر يىل ئىچىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېقىندىن ياردىمىدە، شىركەتمۇ جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلىۋالدى.

  تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى داۋان شىمالىي يولى ئاھالىلەر كومىتېتىدا 2047 ئائىلە، 5654 نوپۇس بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەرلىك نوپۇس 546، قالغانلىرى كۆچمە نوپۇسلار ئىدى. بۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئىككى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرغاندىن سىرىت، 152 كەپىلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەردە ئاساسەن ھەر جايدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئىجارىگە ئولتۇراتتى. تەۋەلىكتىكى نوپۇسنىڭ %80ىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەچكە، گۈەن شياۋۋىي بۇ ئاھالىلەر كومىتېتىغا كەلگەندىن باشلاپ كۈندە بىر جۈملە ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ، ھازىر تۇرمۇشتىكى ئاددىي گەپلەرنى قىلالايدىغان، خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئۇيغۇرچە ئەھۋال سورىيالايدىغان بولدى. ئۇ ھەر ۋاقىت تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئاقسۇدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن بۇزۆھرە قۇربان مۇشۇ تەۋەلىكتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ دادىسى كېسەلچان بولۇپ قىلىپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قايتماقچى بولدى. بۇنى ئۆينىڭ غوجىدارىدىن ئاڭلىغان گۈەن شياۋۋىي دەرھال ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە ئوقۇش پۇللىرىنى چىقىرىپ، تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەم ئوقۇش مۇھىتىغا ئىگە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 16-ئۆكتەبىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، گۈەن شياۋۋىي بىر يىلدىن بۇيان خۇددى ئاچا-ئىنىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتقان مىليون زېمىن ئۆي-زېمىن شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تاجىگۈل ئەھەتھاجى بىلەن قوشماق تۇغقان بولدى ھەمدە بۇ ئىككى قېرىنداش بىرلىكتە ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر، ياردەمگە موھتاج ھەر مىللەت خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئۇ ئىككىسى تۇغقانلاشقاندا ھەدىسى تاجىگۈل ئىنىسى گۈەن شياۋۋىيغا دوپپا كىيگۈزۈپ قويدى. بىر يىلدىن بۇيان، تاجىگۈلنىڭ تىجارىتى خېلى ياخشى بولغاچقا، ئىنىسىنىڭ خىزمىتىنى يېقىندىن قوللاپ، تەۋەلىكتىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردىمىنى ئايىماي، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئاچا-ئىنى بىرلىكتە قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرنى يوقلىغىلى باردى.

  خېنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ كېرەكسىز نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىپ ساتىدىغان سۇ دېيۈن شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ تەۋەلىكتە بىر ئېغىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ياشانغانسېرى سالامەتلىكى تازا ياخشى بولالماي ساقسىز بولۇپ، يالغۇز بولغاچقا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى. ئۇ دائىم ئۆزىنى يوقلاپ تۇرىدىغان گۈەن شۇجىنىڭ ئۇيغۇر ئاچىسى تاجىگۈل بىلەن بىللە يوقلاپ كىرگىنىگە ئىنتايىن خۇش بولدى. تاجىگۈلمۇ بۇ بوۋايغا تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭمۇ دائىم ئۇنى يوقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، قانداق ئىشى بولسا تارتىنماي تېلېفون ئۇرۇشىنى تاپىلىدى. گۈەن شۇجى كەپىلىك مەھەللىگە كېلىۋىدى تەۋەلىكتىكى ياشانغانلار، دۇكان ئېچىپ ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى «گۈەن شۇجىنىڭ تېلېفون نومۇرى بىزگە يادا، قانداق ۋاقىتتا قانداق ئىشىمىز چىقسا، بىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ھال-ئەھۋالىمىزنى ئېيتىمىز، ئۇمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ كېچە-كۈندۈز دېمەي بىزنىڭ ھالىمىزغا يېتىدۇ، ھېيتلاردا ئۆيلىرىمىزگە ھېيتلاپ كېلىدۇ»، دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇلار يەنە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىدا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خاسىيەت خانىمنىڭ ئۆيدىكىلىرىدىن ھال سورىدى. خاسىيەت خانىمنىڭ كېلىنى قەدرىيە تۇرسۇن قىيىن ئانىسى ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دائىم ئۇلاردىن ھال سوراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر جەھەتتىن ئائىلىسىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئاخىرىدا يوپۇغا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بۇ تەۋەلىكتە ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان 70 نەچچە ياشلىق موماي خەيرىنسا ئوسماننى يوقلىدى. بۇ موماي گۈەن شۇجىنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلدى. ئۇلار ئالتە جان بولۇپ، ئوغلى ئۇششاق تىجارەت قىلىپ خوتۇنى، ئۈچ بالىسى ۋە ئاپىسىنى باققاچقا ھەم موماينىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى. خەيرىنسا ئوسمان يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: _بۇ يۇرتتا ئوغلۇمدىن باشقا ئۇرۇق-تۇغقىنىم يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، شۇجى ئوغلۇممۇ دائىم مېنى يوقلاپ تۇرۇپ، بۇ يۇرتتىكى مۇساپىرلىقىمنى بىلىندۈرمىدى. كۆزۈم ياخشى كۆرمىگەچكە، تالا-تۈزگە چىقالمايمەن، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر مەندىن پات-پات ھال سوراپ، ھالىمىزغا يېتىپ تۇرىدۇ.

  مىليون زېمىن ئۆي-زېمىن شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تاجىگۈل ئەھەتھاجى مۇنداق دېدى: مەن گۈەن ئىنىم بىلەن قوشماق تۇغقان بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ياخشى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھەر تەرەپتىن يېشىل چىراغ يىقىپ بېرىشى بىلەن شىركەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ، «ئەلدىن ئەلگە نەپ» دەپتىكەن، بىز ئىنىم بىلەن تەۋەلىكىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، ئىككىمىزنىڭ تۇغقانلىق مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئەتراپقا تارىتىشنى ئويلاشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئىنىمنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بويىچە قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ياردىمىمنى ئايىمايمەن.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى پەقەت ئىدارە، ئورگانلاردىكى كادىرلار بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۇغقانلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، ھۈنەرۋەن-كاسىپ ۋە تىجارەتچىلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر