باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ خەيلۇن قىرغىزىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2016.10.17 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ خەيلۇن 16 - ئۆكتەبىر كەچتە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنبېكوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇ خەيلۇن كۆرۈشۈشتە شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت، جۇغراپىيە ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، شانلىق مەدەنىيەتكە، ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ھازىر، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۈچەپ قوللىشى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېزلىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ياخشى قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى بارغانسېرى كۆپەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. تۇرسۇنبېكوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئادىمىيەت، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تۇرسۇنبېكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى كۆپەيدى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كېڭەيدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر