باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسىگە قارىتا كۆپ خىل تېخنىكا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى

2016.10.17 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ پىڭ 16- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان «خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسى «خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ تېخنىكا ھالىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا كۆرسەتكۈچى ئۆزگەرمىدى. بۇ ئاساستا، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش، ئىشەنچلىكلىكى، بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنى ئۈچ جەھەتتىن دەلىللەش ئۈچۈن، خاسىيەتلىك كېمە ناملىق ئالەم كېمىسىدە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.

  بىرىنچى، بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تەلىپىگە ئاساسەن، ئوربىتا كونترول قىلىش تاكتىكىسى ۋە ئۇچۇش تەرتىپى تەڭشىلىپ، «خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسى بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوربىتا بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ ۋە قايتىش ترايېكتورىيەسىنىڭ ئېگىزلىكىنى 343 كىلومېتىردىن 393 كىلومېتىرغا ئۆستۈرۈش تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مال قاچىلاش ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە تەڭشىلىپ، بۇ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ بىللە توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى.

  ئىككىنچى، بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېڭىدىن كەڭ دولقۇنلۇق ئارىدىن تۇتاشتۇرۇش خەۋەرلىشىش تېرمىنال ئۈسكۈنىسى سەپلىنىپ، ئۆلچەپ كونتروللاشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىلىپ، ئالەم كېمىسى ھالىتى تېز ئۆزگەرگەندىكى بوشلۇق ۋە يەر بىلەن خەۋەرلىشىش كاپالىتى ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئاشۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى دەلىللىنىپ، كەلگۈسىدىكى ئالەم بوشلۇقىدا كېسىشىشنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «خاسىيەتلىك كېمە -11» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ كېسىشىشنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىگە بولغان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ جەھەتتە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر