باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاياللارنىڭ بەختىگە ۋە ئانا–بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۈنى» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى

2016.07.14 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر، گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى) 11- ئىيۇل ، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىدە «ئاياللارنىڭ بەختىگە ۋە ئانا – بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۈنى » تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتتە توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى يولداش قەھرىمان تۆمۈر «بەخت ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، بىز ئۇنى قانداق تۇتۇشىمىز كېرەك ؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە كونكرېتنى ئۇسۇللىرى ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ مۇھىملىقى، قانداق قىلغاندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟... قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا بايان قىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى چوڭقۇر بىر قېتىملىق تەربىيەگە ئىگە قىلدى. پائالىيەتكە توقاي مەھەللىسى تەۋەسىدىكى ئاھالىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن بولۇپ 340 كىشى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر