باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2016.06.08 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرىدىغانلىقىمىز، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرىدىغانلىقىمىز، شۇنداقلا جۇڭگوچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى يولىنىڭ مول مەزمۇنى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە ئومۇمىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەندىكىچە ھەممەيلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتا ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى باشتىن - ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلاشتا ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى. شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشى باشلاپ يۈگۈرۈش، تەڭ يۈگۈرۈش، ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل يۈگۈرۈش تەڭ مەۋجۇت» بولۇشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش؛ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكلىگۈچى كۈچنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرى ۋە دۆلەت تەجرىبىخانىسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ ۋە ئۇلارغا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرى ۋە دۆلەت تېخنولوگىيە مەركىزىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپلەر تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى، يېڭىلىق يارىتىشچان بىر تۈركۈم سەردار كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ھەم راۋاجلاندۇرۇش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە يېتەكچانلىق رولىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىياتنىڭ ئىككى قانىتىنى تەڭ ئۇچۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «دۆلەتنىڭ تەرەققىياتنى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇش كېرەك.يىغىندا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە دەۋر قىممىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىشقا بولغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇلما بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئورنى ۋە رولىنى تولۇق ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشتىكى كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، ھەرخىل خاتا ئىدىيە، پىكىر ۋە قاراشلار بىلەن باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا ھەم مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانى ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە خاسلىققا، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تارماقلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ پىلان، تەتقىقات مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، دادىل ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى بەرپا قىلىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ دەۋر ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، پىكرى ئۆتكۈر، ئەستايىدىل ھەم ئېھتىياتچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چى جۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۇن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر