باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

2016.06.08 13:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش دۆلەتنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ئىبنۇر كۆلى بالدۇرراق زۇمرەتتەك جۇلالىق ھالىتىگە قايتقۇسى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «نۇقتىلىق ۋادىدا سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە ئائىت مەركەزنىڭ 2016 - يىللىق خامچوت دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 - يىللىق مەركەز خامچوت دائىرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈردى. بۇ قېتىم پىلان بويىچە ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەركەز خامچوتىدىن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئىبنۇر كۆلى ۋادىسىدا يېڭىدىن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن ئۈچنى سېلىش ۋە يۈرۈشلۈك يانداش ئەسلىھە، تۇرۇبا تورى ۋە ئېقىن سۇ مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يەتتە تۈردە قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىشلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ قارارلىق ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، خىمىيەلىك ئايرۇبېك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى پەيدىنپەي ئازايتىلىپ، ئىبنۇر كۆلىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى بولغان بۆرتالا دەرياسى بىلەن جىڭ دەرياسىنىڭ سۇ مۇھىتى ياخشىلىنىپ، ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆتۈرۈشچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  ئىبنۇر كۆلى شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توساق بولۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بۇيان، سۇ بايلىقىنى زىيادە خورىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىبنۇر كۆلى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەپ ماڭغانىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر