باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولايلى

2016.06.08 13:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 6 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى» كوللېكتىپ ئۆگىنىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت قائىدىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىن ئۆگىنىش ۋە قاراپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى»نى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، تەسىراتى ۋە تونۇشىنى سۆزلىدى. ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت قائىدىسى ھەققىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ ئىككى قائىدە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، «تۆت ئاڭ»نى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاش كېرەك. «تۆت ئاڭ» ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە قويۇلغان ئاساسلىق تەلەپ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىلىش بىلەن ھەرىكەت بىردەك بولۇش، ئويلىغىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولۇشتا، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكتە، كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

   ئىككىنچى، «نىزام»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. «نىزام»نىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «ئالتە چوڭ ئىنتىزامى»دا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئەزالىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، «ئالتە چوڭ ئىنتىزام»غا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنىچى، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، يېڭى ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نورمال تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدلەشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئومۇمىيەت ئېڭى ئاساسىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بەنزە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دۇرۇس، توغرا، ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەتتە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، مۇرەككەپ مۇھىتتا ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر