باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزغا تەرەپ - تەرەپتىن مېھمانلار كېلىشكە باشلىدى

2016.06.08 13:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىغا باردىم، شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغانىدىم»، دېدى «ياشانغانلار مەخسۇس تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇپ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن 76 ياشلىق بوۋاي خۇ يىنكۈي 6 - ئىيۇن. ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىندىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئالايىتەن كەلگەن 1240 ساياھەتچى «ياشانغانلار مەخسۇس تېز پويىزىدا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش مەدەنىيەت بايرىمى» پائالىيىتىنى تەڭ باشلىدى.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ساياھەتچىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ جەلپكار سېھرىي كۈچىدىن بەس - بەستە بەھرىلەنمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزغا ساياھەتكە كەلگەنلەر سانى، ئىشىك بېلىتى كىرىمى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى كۆرسەتكۈچكە يەتكەن.

  1000 كىشىلىك ساياھەتچىلەر ئۆمىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا «غەربىي يۇرتقا قايتىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرىنى كۆردى. كېيىنكى بەش كۈندە، ئۇلار ئىلىدا ئۈستقۇددۇسلۇقنى، سۈپسۈزۈك قاناس كۆلىنى سەيلە قىلىدۇ، تۇرپاندىكى تاتلىق كارىز سۈيىنى تېتىيدۇ... گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىدۇ.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى «مويۈ» ياشانغانلار تېز پويىزى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىنشۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن ئون مەخسۇس پويىز ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق، مۆلچەرىمىزچە 5000دىن 7500گىچە كىشىنىڭ شىنجاڭغا بېرىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.» بىزنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ياشانغانلار مەخسۇس پويىزى −− يىپەك يولى شىنجاڭ ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەم تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى ياشانغانلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

   شىنجاڭغا بىر نەچچە قېتىم كەلگەن گۇاڭدۇڭلۇق فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى خۇاڭ شۇشېڭ ساياھەت قىلغاچ، سۈرەت تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بىر نەچچە دوستى بىلەن ئىككى ئاپتوموبىلنى ھۆددە ئېلىپ، سايرام كۆلىدىن موڭغۇلكۈرە، تېكەس قاراجون تاغلىرىغا بارماقچى، ئاندىن مايتاغ - كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈپ بايىنبۇلاق يايلىقىنى سەيلە قىلماقچى بولدى.

  خۇاڭ شۇشېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرى ئىنتايىن كۆپ، كۆلىمى كەڭ. مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايىدىمۇ يايلاق، قارلىق تاغ، توغراقلىق بولسىمۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىگە ئوخشىمايدۇ، يايلاق، كۆل، يىراقتىكى قارلىق تاغلار كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدۇ، سۈرەت تارتىشقا ئىنتايىن باب كېلىدۇ. كېيىنكى قېتىم، بەلكىم كېلەر يىلى، بىز مەخسۇس قۇملۇق تاشيولىدىن ئۆتۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن». ئۇ كېيىنكى قېتىم شىنجاڭغا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا خۇددى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ۋەدىلەشكەندەك ھاياجانلاندى.

  جۇڭگو ياشلار ساياھەتچىلىك پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لى شىنلىڭ مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگىچە ئارىلاشما مەدەنىيەت ۋە ساپ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق چەت ئەل ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىلگاھى بولۇپ كەلمەكتە. چەت ئەلدە دەم ئېلىش مەزگىللىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، چەت ئەل ساياھەت ئۆمەكلىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىۋاتىدۇ. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ياپونىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ساياھەت ئۆمەكلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ئاپتوبۇستا ساياھەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئون نەچچە كۈن ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىدۇ».

  تاڭزۇڭزا بايرىمىدىكى دەم ئېلىش ۋە يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، گۈزەل شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىغا تىلەكداشمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر