باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە خوتەندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.03 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا خوتەندە ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر رەھبەرلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  يىغىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوشەن، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن يۈەنخۇا، خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رابىيە ئابدۇراخمان، 14 - شى 47 - تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جىن ۋېنجيې، خوتەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە ئىناق يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن شىچىڭ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ۋەكىلى، قاراقاش ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسى ئاقئۆستەڭ كەنتى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى پۇ لېلې قاتارلىق ئالتەيلەن بىر - بىرلەپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئىدىيەۋى تونۇشىنى بايان قىلدى، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئوتتۇرىغا قويدى. يەن گوشەن خوتەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، ھېسسىيات جەھەتتە ھەقىقىي بىرلىشىش، ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىدە ھەقىقىي ئەمەل قىلىش، تەشكىل ۋە رەھبەرلىك ھەقىقىي كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش دېگەن «بەش ھەقىقىي»گە يىغىنچاقلىدى؛ رابىيە ئابدۇراخمان خېنەن ئۆلكىسى رۇجۇ شەھىرى جىنگېڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ جاۋپۇنىڭ خوتەندىكى مېڭە پارالېچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز داۋالىغانلىقى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى؛ جىن ۋېنجيې بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن كېيىنكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى؛ ۋەن شىچىڭ ئىناق يېڭى كەنتىدىكى سەككىز مىللەتتىن بولغان ئاھالىنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق بېيىش توغرىسىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنى سۆزلىدى...

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، كۆپچىلىك سۆزلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ۋە كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات - تەربىيەسى ئارقىلىق ئاممىنى داۋاملىق سەپەرۋەر قىلدى، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئاساسىنى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، چوڭ ئىشلارنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، كونكرېت قىيىن مەسىلىلەرنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچى، ئۈلگە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا ھەممە كىشى قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىدىيە ئارقىلىق، مەسىلە ئارقىلىق، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى تۈگىتىپ، شەكىل ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، ۋەن خەيچۈەنلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر