باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار پەسىللىك يەرمەنكە تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلىنىدۇ

2016.03.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 3-مارت ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار پەسىللىك يەرمەنكە 25 - مارتتىن 4 - ئاپرېلغىچە تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، «گۈللەر دۇنياسى، بەختىيار شىنجاڭ» ئاساسىي تېمىسىدىكى، شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار باشلىنىدىغان جاي تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ باھار پەسىللىك يەرمەنكىدە زىيارەتچىلەر تۇرپاننىڭ ئۆرۈك چېچىكىنى، بۇرۇلتوقاينىڭ تاغ گۈلىنى، قورغاسنىڭ ئۇستىقۇددۇس گۈلىنى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ياۋا گۈلنى، قاناسنىڭ ئالتۇن نىلۇفەر گۈلىنى، شىخەنزىنىڭ شاپتۇل چېچىكىنى، ئوتۇنكوزىنىڭ كۈركۈم گۈلىنى، خوتەننىڭ قىزىل گۈلىنى، قەشقەرنىڭ ئانار گۈلىنى كۆرۈپ، پۇخادىن چىقىدىكەن.يەرمەنكىدە يەنە شىنجاڭنىڭ باھار پەسىللىك ساياھىتى ھەققىدىكى مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنىدىكەن، توختام، كېلىشىملەر تۈزۈلۈپ شىنجاڭنىڭ 2016 - يىللىق يازلىق ساياھەتچىلىكىگە ئاساس سېلىنىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر