باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىغىن باشلانغان تۇنجى كۈنى مىنىستىرلار جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

مىنىستىرلار يولىدا ياخشى سادالار ياڭرىدى

2016.03.04 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىزىل گىلەم، بەلگە كېلىدىغان نۇتۇق سەھنىسى، بۇ جاي خەلق سارىيى شىمالىي چوڭ زالىنىڭ داڭلىق «مىنىستىرلار يولى». بۇ ھەر يىلى ئىككى يىغىندا، ھەرقايسى تاراتقۇلار بەس-بەستە تالىشىدىغان جاي، مىنىستىر، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئايرىم گەپ-سۆزلىرىدىن مۇھىم ئۇچۇرلار تارقىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ يول بىر كىچىك تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەيدانىغا ئايلاندى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات جەريانى بۇ يولنى مىنىستىر ۋە كومىتېتلارنىڭ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش مۇنبىرىگە ئايلاندۇردى.

  مۇخبىر 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي چوڭ زالغا كەلدى. 100 مېتىرچە كېلىدىغان «مىنىستىرلار يولى»، قىزىل گىلەم بىلەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى نەق مەيدانىغا تۇتاشتۇرۇلغان. مەخسۇس تەسىس قىلىنغان تاراتقۇلار زىيارەت رايونى دەل مىنىستىرلار يولىغا كىرىش ئىشىكىنىڭ سول تەرىپىدە، پەلەمپىيى كۆپ بولۇپ، مۇخبىرلار ئېگىزدە تۇرۇپ سۈرەتكە تارتسا بولىدۇ. زىيارەت رايونىنىڭ يېنىدا «مىنىستىرلار نۇتۇق مۇنبىرى» بار، مۇنبەرگە نۇر ئۆتكۈزۈشچان نەنچچە 10 كۇنۇپكا ئوقۇرى ئورنىتىلغان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن مىكروفونلار بۇ جايغا مەركەزلىشىدۇ. ئىگىلىنشىچە، «مىنىستىرلار يولى» بۇ يىللا پەيدا بولمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل «مىنىستىرلار يولى» تۇنجى قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ياسالغان. ئىككى يىغىن ئاخبارات گۇرۇپپىسى بۇ يولنى مەقسەتلىك ھالدا مىنىستىرلار بىلەن تاراتقۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر تارقىتىش مۇنبىرىگە ئايلاندۇرىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر