باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.03.04 13:54   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى رەئىس سەھنىسىدە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ لايىھەسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، قەلبلەرنى مايىللاشتۇرۇپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100دىن كۆپ ئەزاسى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە كۈن داۋامىدا «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسى ۋە ئالاقىدار دوكلاتلارنى مەھكەم چۆرىدەپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاكتىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقۇسى. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى قاينام-تاشقىنلىققا، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىن بەلگىسى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغانىدى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قويۇلغانىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2214، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2136 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. دۇ چىڭلىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…