باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 630 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2016.03.04 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان. بۇ ۋاقىتقىچە، ياپونىيەدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار سانى ئۇدا 4 ئاي داۋاملىق كۆپەيگەن.

  ياپونىيە سالامەتلىك-ئەمگەك ۋازارىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە بۇلتۇر 12-ئايدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالغان ئائىلە ئومۇمىي سانى 1 مىليۇن 634 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2000 ئائىلە ئېشىپ، يەنە رېكورت ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئادەم سانى ئىككى مىليون 166 مىڭغا كۆپىيىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %1.71نى ئىگىلىدى.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ: تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ سانى يېڭى رېكورت ياراتتى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ياپونىيە نوپۇسىنىڭ قېرىش مەسىلىسى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، دېدى. ياپونىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە نوپۇس مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2060-يىلىغا بارغاندا، ياپونىيەدىكى نوپۇس سانى ھازىرقى 127 مىليوندىن ئازىيىپ، 86 مىليون 740 مىڭغا چۈشۈپ قالىدىكەن، ئۇ چاغدا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %40كە يېقىن ئاھالىنىڭ يېشى 65 ياشقا بارىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر