باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەش بۇرجەكلىك بىنا خاككېرلارنى ئۆزلىرىنىڭ تور پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

ھۇجۇم قىلىپ كىرەلىگەنلەرگە مۇكاپات بار

2016.03.04 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-مارت، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى بايقاش ھەمدە قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، «ئاق تەقىيلىك خاكېرلار»نى ھەقلىق قوبۇل قىلىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر قىسمى تور بېكەتلىرىگە سىناق خاراكتېرىدە ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكىدىكى كارخانا ساھەسىدە «يوچۇق تاپسا ئىنئام بېرىش»نى ۋاستە قىلىپ، ئۆز تورى ياكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلغان ئەندىزە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قاتلىمىدا بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «قىزىل ئەترەت» ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ كەلگەن. بىراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، سىرتنىڭ دۆلەت مۇداپىيە تور سىستېمىسىغا قىلغان ھۇجۇمى ھېچقاچان توختاپ باقمىغان، كۆپ بولغاندا كۈندە نەچچە مىليون قېتىمغا يەتكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر