باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«لاتاپەتلىك ئايال، بەختلىك ئائىلە» باش تېما قىلىنغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتنى قوغداش، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تىنىچ ئائىلە بەرپا قىلىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ رېئال خەۋىپى ۋە ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان 7 كوماندا كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق بەشئېرىق بازارلىق ۋەكىللەر كوماندىسى بىرىنچىلىككە، ئايباغ يېزىلىق ۋەكىللەر كوماندىسى ئىكىنچىلىككە، دولان يېزىسى كوماندىسى بىلەن باغتوغراق يېزىسى ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. مۇسابىقە پائالىيىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئاياللىرىنىڭ قانۇنىي ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆستۈرۈلدى. بەختلىك ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى رولى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى. لاتاپەتلىك ئايال بولۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي قىممىتى نامايەن قىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ رەزىل ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىني ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. مۇسابىقە جەريانىنى 100دىن ئارتۇق كادىر ئامما نەق مەيداندا كۆرۈپ، ھەرقايسى كوماندىلارغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر