- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فرانسىيەدە ئاتا-ئانىلارنىڭ توردا بالىسىنىڭ سۈرىتىنى يوللىشى چەكلەندى
خىلاپلىق قىلغۇچىلار جەرىمانە تۆلەپ، تۈرمىدە ياتىدۇ
2016.03.04 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئوماق سۈرەتلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلەشكە كۆنۈپ قالغان بىر توپ «بالىسىنى كۆز-كۆز قىلىدىغانلار»نى بارلىققا كەلتۈردى. بىراق، «بالىسىنى كۆز-كۆز قىلىش» فرانسىيەدە يۈز بېرىپ قالسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيەدە كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئاتا-ئانىسى رۇخسەت ئالماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنى ئاشكارىلىسا، كۆپ بولغاندا بىر يىللىق قاماق جازاسى ۋە 45 مىڭ ياۋرو قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: فىرانسىيەدە، پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئەگەر بالىلىق باسقۇچىدا ئاتا-ئانىلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلىغانلىق سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلسا، غايەت زور تۆلەم ئېرىشەلەيدۇ.
قانۇن مۇتەخەسسىسى ئېرىك دېركىلۇۋا مۇنداق دېدى: مەلۇم باسقۇچتا بالىلار بەلكىم سۈرەتكە چۈشۈشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئۆز سۈرىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، ئاتا-ئانىلار ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك. فرانسىيە ساقچىلىرىمۇ ئاتا-ئانىلارغا «بالىسىنى كۆز-كۆز قىلىش»نىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرى بارلىقىنى، نۇرغۇن جىنايەتچىلەر دەل توردىكى رەسىم ئارقىلىق نىشاننى بېكىتىپ، قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى فەيسبۇكنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى جېي پارىك: شىركەت نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ سۈرىتىنى يوللاش بۇرۇن «قايتا ئويلىشىپ بېقىش»نى ئەسكەرتىدىغان، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشنى جەزملەشتۈرىدىغانلىق يېڭى سىستېما ئەسكەرتىشىنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر