باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

2016.03.04 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت سائەت 15 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىلىپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن رەئىس چېن شياۋگۇاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يۈ جېڭشېڭ: (5) ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئاڭلىق ھالدا سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچى قىلدۇق. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كارخانىلار، مەھەللىلەر، مەكتەپلەر، دېھقانچىلق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ ھال سوراش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىچۈەن-شىزاڭ يولى قۇرۇلۇشى، قاپلىق قۇرۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داۋالاش-دورىگەرلىك ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەل رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق. دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى» نى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە دىنىي ئۆي-جاي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىنىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر