باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئىككى ھۆججەت ئىمزالىدى

2016.03.03 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە 2-مارت بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسىكدا يەنە بىر قېتىم قەرەللىك سۆھبەتلەشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىككى ھۆججەت ئىمزالىدى. بىرى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە قارغا ئېتىش مەشىقى قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى كېلىشىم، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى بارلىق قورال ياراقلارغا ماس كېلىدۇ، ئۇكرائىنا ۋاقتى 4-مارت سائەت نۆلدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يەنە بىرى مىنا تازىلاش خىزمىتى. بۇ ھۆججەتتە مىنا تازىلاش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تېخنىكىلىق ھالقىلىرى بەلگىلەنگەن، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ 31-مارتتىن بۇرۇن مىنا تازىلاش رايونىنى بېكىتىشى ۋە قامال قىلىشى ھەمدە مۇناسىپ خەرىتىنى سىزىپ بولۇشى شەرت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر