باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە دېھقان مودىللار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

2016.03.03 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا غوروچۆل بازىرىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدە زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش، گۈزەل ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دېھقانلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، كىيىم-كېچەك گۈزەللىكى بىلەن ھەرىكەت گۈزەللىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىغان دېھقان مودىللار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.

  غوروچۆل بازىرىنىڭ ھەرقايسى مەھەللە-كەنتلىرىدىن كەلگەن 23 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 500دىن ئارتۇق دېھقان ئامما ھەر پاساندىكى چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، مۇزىكا رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، گۈزەل قەدەملىرى بىلەن مودىل مېڭىپ، زامانىۋىي كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى ھەمدە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى، ھاياتىي كۈچكە تولغان قەيسەر روھىنى ئىپادىلىدى.

  غوروچۆل بازىرىدىن دېھقان مۇنىرە يۈسۈپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: يارىشىملىق كىيىنگەن ئەر-ئاياللارنىڭ سەھنىدىكى جۇشقۇن روھى ھالىتىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن نەپىس ھەرىكىتى ئۆز ئارا ماسلىشىپ ئۆزگۈچە سەنئەت دۇنياسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. بۈگۈنكى نۇمۇرلار بەك ئېسىلكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم. مەنمۇ چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ سەھنىگە چىقىپ ماھارىتىمنى نامايەن قىلسام دەيمەن.

  بۇ قېتىمقى مودىللار مۇسابىقىسىدە باھالىغۇچىلار كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، مۇزىكا رىتىمىغا ئەھمىيەت بېرىش، ماھىرلارنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتى ۋە سەھنە ئۈنۈمىگە ئاساسەن باھالاش ئېلىپ باردى. كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋە مۇنەۋۋەر ماھىرلار تاللاپ چىقىلدى.

  بۇ قېتىمقى مودىللار مۇسابىقىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي ئەسەبىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەكلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يوقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماي، كەڭ ئامما ئارىسىدا توغرا بولغان گۈزەللىك قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك قارىشى تۇرغۇزۇلۇپ، زامانىۋىي مەدەنىي تۇرمۇش تەشەببۇس قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر