باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك

2015.12.14 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېڭ جيەنجۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن، گو شېڭكۈن، جۇ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 10 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۆتكەلگە كۈچەپ ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مېڭ جيەنجۇ: شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنى يوقىتىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان – تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە پاچاقلاپ تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، دېدى. ئۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، ج خ خەلق ساقچىلىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر – جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ.

  تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى چوڭقۇر خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە دىن ئامىللىرى گىرەلەشكەن. خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇققا قارشى جەڭگاھلار بىر گەۋدىلىشىپ، تېررورچىلار چېگرا سىرتىدا قوماندانلىق قىلىش، توردا ئالاقىلىشىش، چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش يۈزلىنىشى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زىممىمىزدىكى ۋەزىپە ناھايىتى ئېغىر. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، ھەرگىز سەل قارىماي، ھوشيارلىقنى كۈچەيتىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاخبارات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئۇچۇر قاتتىق ماتېرىيالى ۋە يۇمشاق ماتېرىيالى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىلەن شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخبارات سۇپىسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش ھەم سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ۋاقتىدا بايقاپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تېررورچىلار ھەرىكەتكە كېلىشتىن بۇرۇن بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى قەتئىي يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېز ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇمشاق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تارقىتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئۈن – سىن بۇيۇملىرى ۋە ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ تىل بىرىكتۈرۈپ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چېگرا ۋە پورتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرىش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، چېگرا سىرتىدىكى زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ چېگرا ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق تەشۋىقات ۋە قايىل قىلىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى كەيپىياتىنى تۈگىتىش كېرەك. ھەقىقىي دىنىي ئەقىدە تەربىيەسى ئارقىلىق جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلارنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ كېڭەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ھەر قايسى ساقچى تۈرلىرى ۋە باشقا مۇقىملىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، بىرلىككە كەلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ بىخەتەر مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، قاتناش، پوچتا قاتارلىق كەسپلەردە ئادەم ۋە ئەشيا ئوبوروت مىقدارى كۆپ، خەۋپ يۇقىرى، ۋەقە يۈز بەرسە تەسىرى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا، خەلقئارا بىلەن قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مەنپەئەتى، پۇقرالار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ چەت ئەللەردىكى بىخەتەرلىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغداش كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى ئومۇميۈزلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى باشتىن – ئاخىرى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى ۋە ئاساسىي جەڭگاھلىق ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى خەلقئارا چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى ئاساسىدا ئاڭلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىمىز كېرەك. بوشاشماي قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن – ئاخىرى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كۆپ خىل شەكىلدە كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى 19 تارماقنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى يىغىندا سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، قانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر