باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016 - يىللىق سەنئەت بىرتۇتاش ئىمتىھانى 20-دېكابر باشلىنىدۇ

2015.12.15 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانى نەق مەيداندا تىزىملىتىپ بېكىتىش ۋاقتى2015-يىلى 18-دېكابردىن 19-دېكابرغىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 20 - دېكابىر. مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى نەق مەيداندا تىزىملىتىپ بېكىتىش ۋاقتى 2016-يىلى12-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 15-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 10 - دېكابىر ئاياغلاشقان. سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان. ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش كەسپىي ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. باشقا سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر ۋاقتىنچە شەرتى ھازىرلانمىغان بولغاچقا، بىر تۇتاش ئىمتىھاننى تەشكىللىمەيدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش »تا تەلەپ قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت تۈرى ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا سەنئەت تۈرىدىكى سىناق كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، مەكتەپ ئەمەلىي ئىھتىياجىغا قاراپ ئۆزى تەشكىللەيدىكەن. مەكتەپ ئىمتىھانى 2016-يىللىق قىشلىق تەتىلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىپ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدىكەن. ئىمتىھان 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بىر تۇتاش شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا ئېلىنىدىكەن.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر