باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈلمىرە تۇرغۇن ئىجراسىدىكى «مەغرۇر قىز» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى تارقىتىلدى

2015.08.21 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇر مودا ئېقىم ناخشىچىسى گۈلمېھرە تۇرغۇننىڭ ناخشىچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى پىلاستىنكىسى «مەغرۇر قىز»نىڭ CD، DVD نۇسخىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈلمېھرە تۇرغۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ - كىچىك كېچىلىكلەرگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. 2005 - يىلى مەملىكەتلىك ئىستۇدېنتلار ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2007 - يىلى ئېلان مودېللىرى مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، مودا ئېقىم ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئورۇنلاپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  گۈلمېھرە تۇرغۇننىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان «شىڭۋەيشىڭ» گۇرۇھى جۇڭگودىكى داڭلىق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەت ھازىرغىچە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، پەرھات خالىق، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، بەرنا قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئىچكىىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگە تونۇتتى.

  گۈلمېھرە تۇرغۇننىڭ بۇ ناخشا پىلاستىنكىسىغا ئۈچ بالىلار ناخشىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئىجادىي ناخشا كىرگۈزۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر