باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا كاپالەتلىك تۇرالغۇ كۆپ سېلىندى

بەش يىلدىن بۇيان شەھەر ۋە بازارلاردىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىردى

2015.08.21 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر ۋە بازارلىرىدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە كاپالەتلىك تۇرالغۇلارغا كۆچۈپ كىرىدى.

  2010 - يىلىدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شەھەر ۋە بازارلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايون جەمئىي 1 مىليون 384 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىشنى باشلاپ، 1 مىليون 25 مىڭ 600 يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزۈپ، مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونغا چۈشۈرۈپ بەرگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان. بۇ يىل 271 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش ۋەزىپە قىلىنغان بولۇپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 183 مىڭ 600 يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى يىلمۇيىل ئاشتى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون جەمئىي 139 مىليارد 869 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەركەز ياردەم مەبلىغى 48 مىليارد 607 مىليون يۈەنگە، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم مەبلىغى 11 مىليارد 468 مىليون يۈەنگە، جايلار ئۆزلىرى غەملىگەن مەبلەغ 79 مىليارد 794 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئاپتونوم رايون بۇ يىل كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ يېرىمى پۈتتى.

  كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە سېلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، بازارلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى تەرتىپلىك كېڭەيتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازارلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقى بار، ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر، بازار نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %23.97ىنى ئىگىلەيدىغان 2 مىليون 70 مىڭ 400 ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا %20كە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. شەھەر، بازارلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى شەھەرلەردىكى كىرىمى تۆۋەن، ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن شەھەر، بازارلاردىكى كىرىمى ئوتتۇراھالدىن تۆۋەنرەك ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگىچە، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ۋە كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرگىچە كېڭەيتىلدى.

  كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، جايلاردىن كاپالەتلىك تۇرالغۇلارغا مەڭگۈلۈك بەلگە تاختىسى ئورنىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ جاۋابكارلىق سۇبيېكتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى؛ ناۋادا سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇچۇرغا ئاساسەن ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنى تېپىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سۈپەت بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى ئادىل تەقسىم قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەقسىم قىلىش جەريانىدا «ئۈچ دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئۈچ دەرىجە بويىچە ئاشكارىلاش»قا ئەمەل قىلىندى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇلار ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى كاپالەتلىك تۇرالغۇلارغا چەك تارتىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى تەقسىم قىلىش جەريانىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايون «كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى ئۇدا ئۈچ يىل قانات يايدۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش، كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى تەقسىم قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2010 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى شەھەر، بازارلاردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇلار كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر