باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مەركىزى قەشقەردە قۇرۇلدى

2015.06.10 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ قەشقەر خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتتى. مۆلچەرلىنىشىچە 16-ئىيۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.بۇ مەركەز_ ئەسلىدىكى قەشقەر خەلقئارا ئاپتوموبىل پونكىتى، قەشقەر يولوچى توشۇش جەنۇبىي ۋوگزالى، قەشقەر كوچا ئاپتوبۇس باش ۋە ئاخىرقى بېكىتى، قەشقەر تاكىسى باش پونكىتىدىن ئىبارەت 4 پونكىت بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋىلاشقان يولۇچىلار ترانسپورتى مەركىزى. ھەر كۈنى 30 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق يولوچى توشۇش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن. قەشقەر خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستانغا بارىدىغا 3 دۆلەت تۆت پورتنىڭ 7 خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش لىنىيىسى، لەنجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە ھالقىغان ئۇزۇن يوللۇق لىنىيە ئېچىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر