- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«يېزا - قىشلاقلاردىكى تېخىمۇ كۆپ بالا ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى يەسلىلەرگە كىرسە»
2015.01.26 13:15 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى گاۋ شىمېي 21- يانۋار شەھەردىكى بالىلار يەسلىلەرگە كىرىپ ئوقۇيالايدۇ، يېزا - قىشلاقلاردىكى بالىلار قانداق قىلىدۇ؟ يېزا - قىشلاقلاردىكى بالىلارنىمۇ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى يەسلى بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دېگەن تەكلىپنى بەردى.
گاۋ شىمېي مۇنداق دېدى: «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسى ئىزچىل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېما بولىۋاتىدۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق شەھەرلەرگە يەسلىلەرنى قۇرۇش نىسبىتى ئىنتايىن تېز بولدى، 2014- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 يەسلى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. كۆپ پايدا ئالمايدىغان يەسلىلەرنى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا - قىشلاقلاردا بۇ مەسىلە يەنىلا ئۈنۈملۈك ھەل بولمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى يەسلىلەرنى يېزا - قىشلاق رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇپ، يېزا - قىشلاقلاردىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىلەردە تەربىيەلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلسا».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر