باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىر يۈەن فوندى» ئىللىقلىق سومكىسى كۇچادىكى بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتى

2014.11.26 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر يۈەن فوندى» ئىللىقلىق سومكىسىنى كۇچا ناھىيەسىدە تارقىتىش مۇراسىمى يېقىندا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. 70 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 100 دانە ئىللىقلىق سومكىسى بۇ مەكتەپتىكى 13 ياشتىن تۆۋەن نامرات، مېيىپ، يېتىم بالىلارغا قېرىنداشلار پىدائىلىرى ئارقىلىق تارقىتىپ بېرىلىپ، بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتى.

  ئىگىلىنىشىچە، «بىر يۈەن فوندى» داڭلىق كىنو چولپىنى لى ليەنجيېنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2007-يىلى قۇرۇلغان خەير-ساخاۋەت فوندى بولۇپ، «بىر يۈەن فوندى» ئىللىقلىق سومكىسى نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان. 2012-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ تۈر ئەمەلىيلىشىپ ، ھازىرغىچە 6290 نەپەر ئۆسمۈر ئىللىقلىق سومكىسىغا ئېرىشكەن . بۇ «بىر يۈەن فوندى» ئىللىقلىق سومكىسىدا مامۇق چاپان، دوپپا، شارپا، پەلەي، قىشلىق ئاياغ، پايپاق، ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، ئوقۇش قوراللىرى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئوقۇشلۇقى، ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاستىسى قاتارلىق 12 خىل بۇيۇم بار ئىكەن .

  18-نويابىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ، كۇچا ناھىيەلىك ئىتتپاق كومىتېتى، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە « قېرىنداشلار پىدائىيلىرى» ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر