باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 829 يېزا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسى قۇردى

2014.11.21 13:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شاڭسەنگۇڭ كەنتىدىكى ليۇ جۇڭخەن بوۋاي تېلېفوندا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىنى تەرىپلەپ: ‹‹ياشانغانلار قارتا ئويناپ، پاراڭلىشىپ، بىللە غىزالىنىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز، بۇ ئۆيدە بىكار ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى››، دېدى.

  قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 60 ياشتىن ئاشقان 12 مىڭ كىشى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى %12.1كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى بالا – چاقىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى كېتىپ يالغۇز قالغان ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئىلگىرىكى ‹‹ياشانغاندا تايانچىسىز قالماي دېسەڭ بالا باق›› دەيدىغان ئەنئەنە زامانغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇتۇبى ناھىيەسى بۇلتۇر خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا، يېزىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈتۈنۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسىدە 15 بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسى قۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2012 – يىلى يېزا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ھازىرغىچە 39 مىليون 350 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جايلاردا 829 يېزا بەخت ھەمكارلىق سانارتوىيەسى قۇردى، ھازىر يېزىلاردىكى بالا – چاقىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى كېتىپ يالغۇز قالغان ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار يېزا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن مۇنداق دېدى: پاراۋانلىق ساناتورىيەسى قاتارلىق كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەمكارلىق بەخت ساناتورىيەسى ئەندىزىسىگە مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، ئۈنۈمى تېز، ياشانغانلار خالىغاندا كېلىپ – كېتىدۇ، ئۆيىدىن ئايرىلسىمۇ يېزىدىن ئايرىلمايدۇ، يېزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  ‹‹شىنجاڭ ياشانغانلار ئىشلىرى ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى (2013 – يىللىق)››دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 2 مىليون 531 مىڭ 800 كىشىگە، ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى %11.18 كە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان، كۈتۈنۈش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك ئورۇنغا ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەچكە، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

  مو جۈەن مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى بالا – چاقىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى كېتىپ يالغۇز قالغان ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىدىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى ئەندىزىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ، ‹‹12 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %40 مەركىزىي كەنتتە 3400 يېزا بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسى سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر