باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقىدا قويلار بۆرە توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2014.10.17 14:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16 - ئۆكتەبىر نىلقا ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۈزەن يېزىسى ئۈزەن جىلغىسىدا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بۆرە توپىنىڭ چارۋا ماللارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كەينى - كەينىدىن يۈز بېرىپ، يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈكىگە ئېغىر زىيان سالغان.

  16 - ئۆكتەبىر، ئۈزەن يېزىسىدىكى چارۋىچى پولاتبېىكنىڭ قويلىرى بۆرە توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. پولاتبېىك تاغ باغرىدىكى قارلىق دالىدىكى بۆرىنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹بۆرىلەر مۇشۇ يول بىلەن تاغدىن چۈشۈپ قويلىرىمغا ھۇجۇم قىپتۇ، بۇنى ئويلىساملا قورقۇنچ باسىدۇ، ھازىرمۇ بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يۈرىمەن. بۆرە توپىنىڭ چارۋا ماللارغا زىيان يەتكۈزىۋاتقىنىغا ئۈچ ~ تۆت يىل بولۇپ قالدى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشتى، بىزنىڭ ئۆيدىكى 100 دىن ئارتۇق قوي زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بۇ قېتىم يەنە 20 دىن ئارتۇق قوي بۆرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

  ئىگىلىنىشچە، بۆرە توپىنىڭ چارۋا ماللارغا ھۇجۇم قىلغانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئورۇن تېزلىكتە چارۋىچىلارغا مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان ھەمدە جان سانى ئاز ئائىلىلەرنى ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايغا كۆچۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلغان ۋە كۆچۈش ئەپسىز بولغان باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر