باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون جايلاردىن ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.09.02 11:18         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون يېقىندا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، توغرا بېكىتىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئادىل، ھەققانىي يولغا قويۇش مەقسىتىدە، ‹‹ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى تارقىتىپ، جايلاردىن تارماق ھالقىغان، كۆپ قاتلاملىق، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق، خەلق ئىشلىرى، ج خ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج قاتارلىق تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۇچۇر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنىڭ ئىلمىي، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزم ئىكەن. بۇ مېخانىزمدا ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرنىڭ جان سانى، نوپۇس تەۋەلىكى ۋە ئائىلە كىرىمى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىق پاناھلاندۇرۇش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلىدىكەن.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەردە 860 مىڭدىن كۆپرەك ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى، يېزىلاردا 1 مىليون 290 مىڭدىن كۆپرەك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى بولۇپ، بۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن بۇلتۇر بىر يىلدا جەمئىي 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان. ئالاقىدار تارماقلار ئىلگىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش خىزمىتىدە ئائىلىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش، قوشنىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ دەلىل – ئىسپات ئېلىش، ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش، جەمئىيەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە كىرىمى تەخمىنەن ھېسابلىنىپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئەينەن ئېنىقلانماي، ‹‹تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشتا ئالدامچىلىق قىلىش››، ‹‹ئادەمگەرچىلىك قىلىش›› ۋە ‹‹كىشىلىك مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش›› مەسىلىسى كېلىپ چىققان.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاھالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلمەكچى بولغان ئوبيېكتنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر