باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2014.09.02 11:16         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانا ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي كونترول بالا شىركىتى شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىت چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىتچىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ) دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى چەت ئەل ھەمكارلىق تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن نېفىت تىرانسپورت شىركىتى ئىچىدىكى تۇنجى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تاشقى سودا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بو مۇنداق دېدى: سودا ئىشلىرى نازارىتى ‹‹سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىت پاي چەكلىك شىركىتىگە دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتى بەرگەنلىك توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب››ىنى تاپشۇرۇۋالدى. ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىت شىركىتى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، بۇ يىل ئىجازەت قىلىنغان نېفىت ئىمپورتى سودا مىقدارى 200 مىڭ توننا بولۇپ، بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، نېفىتنى كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نېفىت ئايرىش كارخانىلىرىغا سېتىپ بەرسە بولىدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، نېفىت ئىمپورتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان سودا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە كارخانىلاردىن ھازىر مەملىكەت بويىچە بەشلا كارخانا بولۇپ، ئۇلار ‹‹جۇڭگو بىرلەشمە نېفىت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى››، ‹‹جۇڭگو بىرلەشمە نېفىت خىمىيە شىركىتى››، ‹‹جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان نېفىت باش شىركىتى››، ‹‹جۇڭگو نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتى›› ۋە ‹‹گۇاڭدۇڭ جېنرۇڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سودىنىڭ نورما چەكلىمىسى يوق. ھالبۇكى، نېفىت سودىسىدا دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانىلار ئىجازەت مىقدارى چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

  ليۇ بونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 23 كارخانا ئىچىدە، ‹‹گۇاڭخۇي›› نېفىت شىركىتى 2007 – يىلىدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر پۇقراۋى كارخانا بولۇپ قالدى.

  ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى قازاقىستاندىكى زايسان نېفىت – تەبىئىي گاز رايونىنى شېرىكلىشىپ ئاچقان، ئىلگىرى نېفىت ئىمپورت قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقتەك چەكلىمىگە ئۇچراپ، نېفىتنى دۆلەت ئىچىگە توشۇپ كېلەلمىگەنىدى.

  ئىگىلىشىمچە، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان ‹‹نېفىت ئىمپورت سودا مىقدارى 200 مىڭ توننا بولۇش›› پەقەت ‹‹گۇاڭخۇي›› شىركىتى زايساندا ئىشلەپچىقارغان نېفىت نورمىسى بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە شىركىتىدىكى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلقى 200 مىڭ توننا نېفىت سودا مىقدارى سىناق تەرىقىسىدە بېكىتىلگەن سان بولۇپ، چەت ئەلدىكى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلغان نېفىتلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، نېفىت توشۇش مىقدارىنى يىلدىن يىلغا تەدرىجىي ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر