باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 1-لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

2014.02.24 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىس قاتنىشى 1–لىنىيەسى (مېترو 1–لىنىيەسى) نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك توپا–ياغاچ قۇرۇلۇشى ۋە توپا–ياغاچ قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا خېرىدار چاقىرىش ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى تەستىقلىغان قۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىغا ئېرىشتى، بۇ مېترو 1–لىنىيەسى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  20–فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مېترو 1–لىنىيەسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىنىش نۇقتىسى بەلگىلەنگەن، ئۈچتاش بېكىتىدىن باشلىنىپ، دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئاخىرلىشىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.06 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 21 بېكەت تەسىس قىلىنغان.

  مېترو 1–لىنىيەسىدە 2018–يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، 2019–يىلى رەسمىي تىجارەت باشلاش پىلانلانغان. شۇڭا، مېترو 1–لىنىيەسىدە بۇ يىل باھار پەسلىدە قۇرۇلۇشقا تەشكىللەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىش ھەمدە بىر قىسىم بۆلەكلەرنى قورشاش خىزمىتى باشلىنىدىكەن؛ بىر قىسىم يەرلەرنى ئېلىش، ئۆيلەرنى چېقىش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، ئاققۇۋۇق بېكىتى، شىنشىڭ كوچىسى بېكىتى قاتارلىق 6 كونترول قىلىنغان ئىش نۇقتىسىدا قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلانغان؛ بىر قىسىم قاتناش ۋاسىتىسى، رېلىس، سىگنال، مۇداپىئە، توك تەمىنلەش، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق سىستېمىلاردا خېرىدار چاقىرىشنى تاماملاش پىلانلانغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مېترو 1–لىنىيەسىگە تاللانغان ئېلېكتىروۋوز، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئالاقە سىگنالى، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى دۆلىتىمىزدىكى تېخنىكىسى ئىلغار، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەن ؛ شۇنداقلا مېترو قاتنىشى 1– تۈرىگە كەڭ ۋە ئازادە A تىپلىق مېترو ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى تەڭ دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر