- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۇرمۇشقا ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن
2014.02.24 10:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان «باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ھەققىدىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى سىرتتىكىلەر «2014-يىلى ئۆي زېمىنگە ئىشلىتىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ» دەپ خاتا چۈشەندى.
دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «2014-يىلى تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يەر ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بۇنداق يەرلەر مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ» دېدى.
دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىش پىلانى كۆرسەتكۈچىنى تەدرىجى ئازايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دۇڭ زۇجى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۇقتۇرۇشتا تۇرمۇشقا ۋە ئاممىۋىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى ئەمەس بەلكى سانائەتكە ئىشلىتىدىغان يەرنى نۇقتىلىق تىزگىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇرمۇشقا ۋە ئاممىۋىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەر بۇ دائىرىدە ئەمەس، بەلكى بۇنداق يەرلەرگە ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، مەسىلەن، 2014-يىلى ئۆي زېمىنغا ئىشلىتىدىغان يەرنى داۋاملىق كۆپەيتىمىز. جۈملىدىن نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر ئۆي زېمىنغا ئىشلىتىدىغان يەرنى داۋاملىق كۆپەيتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر