باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك تۈرىنى يولغا قويىدۇ

2014.02.24 10:17   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2014-يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنى باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك تۈرىنى 2014-يىللىق شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈپ، 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 600 مىڭ يېزا ئاھالىسى ۋە يېزا مەكتەپلىرىدىكى 80 مىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ تولۇقلىمىسى 360 مىليون يۈەن بولىدۇ، شىنجاڭ مالىيەسى ۋە يەرلىك يۈرۈشلەشتۈرگەن مەبلەغ 140 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى سۇ قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 13-بەش يىللىق يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىن 30 نى قۇرۇپ، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى سۇ قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سوڭ شىخەي مەركەزلىك بىر تۇتاش سۇ تەمىناتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ سۇ تەمىناتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، بارلىق دېھقان-چارۋىچىلارنى خاتىرجەم، قولاي تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش-شىنجاڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
      ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى