باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلدىن باشلاپ ئاممىغا ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن

2014.02.24 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ھاۋا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاممىغا ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدىكەن. بۇنى جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى ھاۋا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىيا مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ھاۋا باشقۇرۇش سىسىتېمىسى خىزمىتى يىغىنىدا ئاشكارىلىغان.

  ۋاڭ لىيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھاۋا باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشى ئۇچۇرلىرى مۇنبىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى، بۇ مۇنبەر ئايروپىلانلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش، ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكىش، ئۇچۇش يولى قىستاڭچىلىقى، ئايرىدىرومنىڭ يۈرىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا ئېلان قىلىدۇ.

  ۋاڭ لىيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھاۋا باشقۇرۇش سىسىتېمىسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەپ، ئۇچۇشقا روخسەت قىلىش سىستېمىسى ھازىر تېزدىن قۇرۇلماقتا، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشىدىن ئۈمىد بار. بۇ سىستېما ئاممىۋىي ئۇچۇر مۇنبىرىنى كۈچلۈك قوللايدۇ.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھاۋا قاتنىشى ئۇچۇرلىرى مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن خەلق ئاۋىئاتسىيەسى زەنجىرىنىڭ قايتىدىن ئۇلۇنىشىدىن ئۈمىد بار. شۇ ۋاقىتتا ھاۋا باشقۇرۇش، ئايرىدىروم، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىر تۇتاش ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسى زور كۆلەملىك ئايروپىلان كېچىكىش ئەھۋاللىرىغا ئۇچرىغاندا، گاڭىراپ قالمايدىغان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر