باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا باشلاندى

2014.02.24 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. يېقىندا، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان تەرەققىيات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭدا باشلىنىپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشكە باشلىدى.

  بۇ يىل قىشتا، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى قوشتاغ يېزىسىدىكى دېھقان مۇھەممەت داۋۇت بىكار تۇرمىدى، ئۇ ھەر كۈنى بېغىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرىنى چاتاش، ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ياخشى مول ھوسۇل ئېلىشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ناھىيەمىز ئۆرۈكنى ئىسسىق شامالدا قۇرۇش ئۆيى سالدى، دېھقانلار ئۆرۈكلىرىنى ئاشۇ يەرگە ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئۆرۈكلىرىمىزنىڭ سېسىپ كېتىش نىسبىتى %20 تىن كۆپرەك ئازىيىپ، كىرىمىمىز بىر ھەسسە ئاشتى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش باش تېما ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1500 ئۆرۈكنى ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى مۇھەممەت داۋۇتقا ئوخشاش نەپكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىنجاڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى يۇرتىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئون نۇقتىلىق كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 195 قىسقا، تەكشى، تېز تۈرنى يولغا قويۇپ، يۈز مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

  قىسقا، تەكشى، تېز تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈش-شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش باش تېما ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى. باش تېما ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى 20 نەچچە مەركەز كارخانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بۇلارلا ئەمەس. باش تېما ھەپتىلىكىدە، «2014-يىللىق شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرى پىلانى» پات ئارىدا چىقىرىلىپ، 61 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 25 چوڭ تۈر، 150 خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېڭى كۆپەيگەن خەلق تۇرمۇشى تۈرى ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە بىۋاسىتە كېڭەيتىلىدۇ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ئامما ھەقىقىي نەپ ئالىدىغان بىر قىسىم كىچىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەگەر تەرەققىياتنى تېزلىتىش خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزەلمىسە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىسا، بۇنداق تەرەققىياتتىن چاتاق چىقىدۇ. بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئامما كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما ئەڭ ئىنتىزار بولغان، ئەڭ ئۈمىد قىلغان تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر