باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتى نەتىجىسى خەلققە نەپ يەتكۈزدى

2014.02.24 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2010-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا تۆت «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا چېتىلىدىغان تۈرنىڭ «قۇرۇلۇشلاشتۇرۇش» شەكلى ئورۇنلاشتۇرۇلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ ئۈمىد قىلغان، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق، ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر تۈركۈم قېيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ھەر مىللەت ئاممىسى كۆردى، ھېس قىلدى.

  يولغا قويۇلغان يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىيات ۋەزىپىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلۇشى تۈرىنىمۇ دەسلەپكى 22تۈردىكى 80دىن 2013-يىلى 25 تۈردىكى 100گە كۆپەيتتى. ئۆتكەن تۆت يىلدا شىنجاڭ ئىشلەتكەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مالىيە چىقىمى 484مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۈردى، ۋەدە قىلغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتى. ئۇدا تۆت يىل يولغا قويۇلغان «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»دىن كېيىن شىنجاڭ بۇ يىل يەنە 61مىليارد 660مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق 25تۈردىكى 150 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىسى مەيلى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى شىمالىدا بولسۇن، يېقىنقى نەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2013-يىلى شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرا ساپ كىرىمى 7400يۈەنگە يېتىپ، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇدا ھەر يىلى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئېشىپ، تارىخى خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر