باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا زور كۈچ قوشماقتا

2014.02.24 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2013-يىلىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولدى، ئەمما جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بولسا مۇقىملىق ئىچىدە ئاشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەن ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7.7 لىك ئېشىش سۈرئىتى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ گەۋدىگە ئىگە بولغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىشلەر دۇنياغا يىتەكچىلىك قىلماقتا.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئېشىشتەك يۇقۇرى سۈرئەت بىلەن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تارخىدا مۆجىزە ياراتتى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ماتورغا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرلىشىگە زور تۆھپە قوشتى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، يېقىنقى 10 يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى تەخمىنەن %20 گە يەتكەن. 2008-يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ كەتتى. جۇڭگو دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قىينچىلىقنى يېڭىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ماتورغا ئايلاندى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان رولى %50 دىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقتارىدىكى رەت تەرتىپىدىكى ئورنى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  2012-يىلدىن بۇيان، تاشقى ئېھتىياجنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازلىشى شۇنداقلا ئىچكى جەھەتتىكى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قەدىمى سەل ئاستىلىدى، بۇ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلاشقان، جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشىگەن ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن ئەھۋال ئاستىدىكى نورمال سەۋىيە. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7.5 ئەتراپىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىنىڭ يۇشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىگە ماس كېلىدۇ، ئۇ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادا يەنىلا بىر قەدەر تېز سۈرئەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئىتقسادىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلشى دۇنيا ئىقتىسادىغا غايات زور ئىجابىي كۈچ قوشىدۇ. ھېسابلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا، جۇڭگو تەخمىنەن 10 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال كىرگۈزىدىكەن، چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، چىگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار سانى 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادى ئوتتۇرا تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا داۋاملىق كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر